بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆلۈكلەرنى تىللاش ۋە ئىززەت-ئابرۇيىنى تۆكۈشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. ھەقىقەتەن بۇ ناچار ئەخلاق ھېسابلىنىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرى قىلغان ياخشى-يامان ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈپ بولدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى تىللاش ئۇلارغا ھېچ بىر زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، پەقەت ھايات ياشاۋاتقانلارغا ئەزىيەت يەتكۈزىدۇ.