پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شۇنداق خەۋەر بېرىدۇكى، كىمكى رامىزان ئېيىنىڭ روزىسىنى ئاللاھقا ئىشىنىپ، بۇ روزىنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى تەستىقلاپ ئاللاھ تائالانىڭ روزىدارلارغا تەييارلىغان كاتتا مۇكاپات ۋە ئېسىل ساۋابلىرىنى ئۈمىد قىلىپ، باشقىلارغا ئاڭلىتىش ۋە كۆز-كۆز قىلماستىن پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى مەقسەت قىلسا، ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ.