ھەدىسنىڭ مەنىسى: جەننەتتە روزا تۇتقۇچىلارغا خاس بولغان رەييان ئاتلىق بىر ئىشىك بولۇپ بۇ ئىشىكتىن ئۇلاردىن باشقىلار كىرەلمەيدۇ، پەرز ۋە نەپلە روزىلارنى تولۇق تۇتقان كىشىلەرنى قىيامەت كۈنى پەرىشتىلەر ئاشۇ ئىشىكتىن جەننەتكە كىرىشى ئۈچۈن چاقىرىدۇ، ئۇلار كىرىپ بولغاندىن كېيىن ئىشىك تاقىلىپ، ئۇلاردىن باشقا ھېچكىمگە ئېچىلمايدۇ