پاك ۋە ئىپپەتلىك بولۇش ۋاجىپ بولۇپ، ئۇنىڭ ئەكسى ھارامدۇر. بۇ ئىش ئىماننىڭ ئاجىزلىقى بىلەن شەھۋەتنىڭ كۈچلىنىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ياشلارنىڭ شەھۋىتى كۈچلۈك بولغاچقا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ياشلارنى ئىپپەت يولىغا باشلاش ئۈچۈن خىتاب قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئۇلاردىن توي قىلىشقا لازىم بولىدىغان، مېھرى ھەققى، كۈندۈلۈك نەپەقە ۋە تۇرالغۇ جاي قاتارلىق نەرسىلەرگە قۇربى يېتىدىغانلار توي قىلسۇن!، چۈنكى نىكاھلىنىش كۆزنى ھارامدىن، ئەۋرەتنى پاھىشىدىن ساقلايدۇ. شۇڭا يۇقىرىقى ئىشلارغا قۇربى يەتمەيدىغان ئەمما توي قىلغۇسى كېلىپ قالغانلارنى روزا تۇتۇشقا ئۈندىدى. چۈنكى بۇنىڭدا بىرىنچىدىن ئەجىر - ساۋاپ، يېمەك - ئىچمەكنى تەرك ئېتىش ئارقىلىق جىما قىلىش شەھۋىتىنى توسۇش ۋە ئۇنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈندۇر. شۇنىڭ بىلەن ئىنساننىڭ نەپسى ئاجىزلاپ، شەيتان ئېقىپ كىرىدىغان قان تومۇرلار تارىيىدۇ. دېمەك روزا، سېپىرما ئىشلەپ چىقىرىدىغان، شەھۋەتنىڭ قوزغىلىشىدا مۇھىم رول ئوينايدىغان ئىككى تاشاقنىڭ تومۇرىنى سىقىپ قويغاندەكلا شەھۋەتنى كېسىدۇ