پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ ھەر كېچىسى كېچىنىڭ ئاخىرىقى ئۈچتىن بىرىدە دۇنيانىڭ ئاسمىنىغا چۈشۈپ بەندىلىرىنى ئۆزىگە دۇئا قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغانلىقى، دۇئا قىلغان كىشىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدىغانلىقى، ئۇلارنى خالىغان نەرسىسىنى سوراشقا قىزىقتۇرىدىغانلىقى، ئۇلارغا سورىغىنىنى بېرىدىغانلىقى، ئۇلارنى ئىستىغپار ئېيتىپ خاتالىقلىرىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشىنى سوراشقا بۇيرىغانلىقى، ئاللاھنىڭ مۇئمىن بەندىلىرىنى كەچۈرۈم قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.