پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رەمبال-پالچى، يۇلتۇزغا قاراپ خەۋەر بېرىدىغان مۇنەججىم قاتارلىقلارنىڭ يېنىغا بېرىشتىن ئاگاھلاندۇردى، چۈنكى ئۇلار غەيىپنى بىلىدىغاندەك بىر ئىشلارنى قىلىشقا باشلايدۇ، ھەتتا ئۇلاردىن پەقەت غەيبى ئىشلارنى سوراشنىڭ ئۆزىمۇ توغرا بولمايدۇ، ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى قىرىق كۈنلۈك نامازنىڭ ساۋابىدىن مەھرۇم قىلىدۇ. بۇ، ئۇ كىشىنىڭ سادىر قىلغان چوڭ خاتالىقى ۋە گۇناھىنىڭ جازاسىدۇر.