ئابدۇللاھ بىن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم: «ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ناچارلىرى قىيامەت بولغاندا زېمىندا ھايات بولغان ۋە مازارلىقلارنى نامازئوقۇيدىغان جاي قىلىۋالغان كىشىلەردۇر». ھەسەن - ئەھمەد رىۋايىتى
explain-icon

شەرھىسى

پەيغەمبەر ئەلەيھەسسالام ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ناچارلىرىدىن خەۋەر بېرىپ، ئۇلارنىڭ قىيامەت بولغاندا زېمىندا ھايات بولىدىغانلىقى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ مازارلىققا ياكى قەبرىگە قاراپ ناماز ئوقۇيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

explain-icon

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  • قەبرىلەرنىڭ ئۈستىگە ياكى ئارىسىغا مەسچىت بىنا قىلىش چەكلىنىدۇ، (يەنى ھارامدۇر) چۈنكى ئۇ شېرىككە ئېلىپ بارىدىغان ۋەسىلىدۇر.
  • گەرچە مەسچىت بىنا قىلىنمىغاندىمۇ قەبرىنىڭ يىنىدا ناماز ئادا قىلىش ھارام بولىدۇ، چۈنكى مەسچىت گەرچە بىنا قىلىنمىسىمۇ ناماز ئادا قىلىدىغان ۋە سەجدە قىلىدىغان جايغا ئىسىم بولىدۇ.
  • ياخشى كىشىلەرنىڭ قەبرىسىنى ناماز ئادا قىلىدىغان جاي قىلىۋالغان كىشىلەر گەرچە بۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىشنى مەقسەت قىلسىمۇ، ئۇلار كىشىلەرنىڭ ئەڭ ناچارلىرىدۇر.