دەججالنىڭ چىقىشى قىيامەتنىڭ چوڭ ئالامەتلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ، ھەدىستە بايان قىلىنغان ئىشلار بولسا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن خەۋەر بەرگەن، ئىشىنىش ۋە تەستىقلاش زۆرۈر بولغان غەيبى ئىشلاردىن بولۇپ، بۇ ھەدىستە دەججالنىڭ بارلىق سۈپەتلىرى ھېچ بىر مۇسۇلمانغا مەخپى قالمىغۇدەك دەرىجىدە كامىل-تولۇق بايان قىلىنغان، ئاللاھ تائالا كىشىلەرنى سىناش ۋە ئىمتىھان قىلىش ئۈچۈن دەججالغا ئادەتتىن تاشقىرى بولغان كۈچ-قۇدرەتنى بەرگەن، دەججال زېمىندا مەككە، مەدىنەدىن باشقا بارلىق شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىدىن ئۆتىدۇ، ئۇنىڭ ئىشىنىڭ ئاخىرلىشىشى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ زېمىنغا چۈشىشى بىلەن بولىدۇ، ئاندىن يەئجۈج مەئجۈجىلەر ئاشكارا بولۇپ زېمىننى بۇزۇقچىلىققا تولدۇرىدۇ، بۇمۇ ھەم قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ، ئىسا ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان مۆمىنلەر ئاللاھ تائالاغا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلىدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى يەئجۈج مەئجۈجىلەردىن قۇتۇلدۇرىدۇ، مۇشۇنداق چوڭ-چوڭ ۋەقەلەر بولۇپ بولغاندىن كېيىن قىيامەت بولىدۇ، ئاللاھ تائالا بارلىق مۆمىن بەندىلىرىنى ۋاپات تاپتۇرىدۇ، زېمىندا كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئەسكىلىرى قالغاندا قىيامەت بولىدۇ