مەككە، مەدىنە ۋە ئەتراپلىرىدىن بىر ئوت كۆتۈرۈلۈپ، شامنىڭ بۇسرا شەھىرىدىكى تۆگىلەرنىڭ بويۇنلىرى يۇرۇيدىغان بىر ۋەقە يۈز بەرمىگۈچىلىك قىيامەت بولمايدۇ. ھەقىقەتتە ھىجرىيە 654-يىلى مەدىنىنىڭ شەرىق تەرىپىدىكى ھەررە دېگەن جايدىن بىر زور ئوت كۆتۈرۈلگەن، بۇ ۋەقەلىك پۈتكۈل شام ئەھلىگە ۋە باشقا شەھەردىكىلەرگە مەشھۇر بولغان، ئۇنى كىيىنكى ئەسىردىكى نەۋەۋى، قۇرتۇبى ۋە ئەبى شامە قاتارلىقلار ئۆز كىتاپلىرىدا تىلغا ئالغان