ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەر قىزىل يۈزلۈك، بۇرۇنلىرى پاناق، كۆزلىرى كىچىك، يۈزلىرى تېرە قاپلانغان قالقانلاردەك، ئاياقلىرى يۇڭدىن ياسالغان خوزا ۋە كەرمان ئەجەملىرى بىلەن ئۇرۇش قىلمىغىچە قىيامەت بولمايدۇ» سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
explain-icon

شەرھىسى

مۇسۇلمانلار ئەجەم شەھەرلىرىدىن خوزا ۋە كەرمانلىقلار بىلەن ئۇرۇش قىلمىغۇچە قىيامەت بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ سۈپەتلىرى: بەدەنلىرىنى سوغۇق ئېلىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، يۈزلىرى قىزىلغا مايىل ئاق، بۇرۇنلىرى پاناق، كۆزلىرى كىچىك، يۈزلىرى كەڭ ۋە يۇمىلاقلىقتا قالقانغا، گۆشلىرىنىڭ كۆپ ۋە قېلىن بولغانلىقى ئۈچۈن تېرە قاپلانغان نەرسىلەرگە ئوخشايدۇ، يۇڭدىن ياسالغان ئاياقلاردا مىڭىشىدۇ