explain-icon

شەرھىسى

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بايان قىلىشىچە: قۇرئان كەرىمنىڭ سۈرىلىرى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا نازىل بولۇپ تۇراتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىسمىللاھىر رەھمانىررەھىيم نازىل بولغانغا قەدەر سۈرىنىڭ ئايرىلغانلىقى ۋە تۈگىگەنلىكىنى بىلمەيتتى، بىسمىللاھىر رەھمانىررەھىيم نازىل بولغاندا ئىلگىرىكى سۈرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى، يېڭى سۈرە ئۈچۈن باشلىنىش ئىكەنلىكىنى بىلەتتى.

explain-icon

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  • بىسمىللاھىر رەھمانىررەھىيم ئەنپال سۈرىسى بىلەن تەۋبە سۈرىسىدىن باشقا سۈرىلەرنىڭ ئارىسىنى ئايرىيدۇ.