پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ۋەھيى نازىل بولغاندا قېيىنچىلىق ۋە جاپا تارتىپ، چىرايىمۇ ئۆزگىرەتتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋەھيىنىڭ ئىشىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلەتتى، بەندىلەرنىڭ ھوقۇقىنى ئادا قىلىش، ئاللاھ تائالاغا لايىقىدا شۈكۈر ئېيتىشتەك ئىشلاردىن ئەنسىرەيتى، ئاللاھنىڭ بۇيرۇق ۋە خەۋىرىنى ئۇلۇغ بىلەتتى