ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا كەلدى، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇ ۋاقىتتا شام ۋە ئىراقتىكى مۇسۇلمانلارنى ئەرمىنىيە ۋە ئەزەربەيجانغا قارشى جىھادقا تەشكىللەۋاتاتتى، ھۇزەيفە كىشىلەرنىڭ قۇرئان ئوقۇشتا ئىختىلاپ قىلىشىۋاتقانلىقىنى، بەزىلەر ئۇبەي ئىبنى كەئبنىڭ قىرائەتىدە، بەزىلەر ئىبنى مەسئۇدنىڭ قىرائەتىدە ئوقۇۋاتقانلىقىنى، ئۆز ئارا تالاش-تارتىش قىلىشىپ، بىر پىتنە چىقىشىدىن ئەندىشە قىلدى، ئۇ ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى مۆئمىنلەرنىڭ خەلىپىسى! مۆمىنلەرنى يەھۇدى-ناسارالار تەۋرات-ئىنجىلدا ئىختىلاپ قىلىشىپ، كەم-ئارتۇق قىلىپ ئۆزگەرتىۋەتكەندەك قۇرئاننى ئۆزگەرتىۋېتىشتىن ساقلاپ قالسىلا دېدى. قۇرئان ئۇ ۋاقىتتا پارچە-پارچە قەغەزلەرگە يېزىلغان بولۇپ، بىر كىتاب قىلىپ تۈپلەنمىگەن ئىدى. ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۆئمىنلەرنىڭ ئانىسى ھەپسە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا قۇرئان يېزىلغان ۋاراقچىلارنى بېرىپ تۇرۇش ئۈچۈن، ئۇنى بىر قانچە نۇسخا كۆچۈرىۋالغاندىن كېيىن قايتۇرۇپ بېرىش مەقسىتىدە ئادەم ئەۋەتتى. بۇ قۇرئان يېزىلغان ۋاراقچىلار بولسا ئەبۇ بەكرى بىلەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار بۇيرۇپ جەملەتكەن نۇسخسى ئىدى. مۇشۇ ۋاقىتتا ئوسمان قۇرئاننى كىتاپ قىلىپ تۈپلىدى، ئۇ نۇسخا بىلەن ئەمدىلىكتە يېزىپ قالدۇرماقچى بولغان نۇسخىنىڭ پەرقى، ئىلگىركى ئەبۇ بەكرىنىڭ زامانىدا يېزىلغىنى قۇرئان سۈرىلىرى رەتلەنمىگەن، ئەمما ھەر سۈرە ئۆز ئالدىغا ئايەتلىرى بىلەن رەتلەنگەن نۇسخا ئىدى، ئەمدىلىكتە رەتلەنمەكچى بولغىنى ھەر بىر سۈرىلەرنى رەت تەرتىبى بىلەن تىزىپ رەتلەپ چىقىپ، ئۇنى بىر كىتاب شەكلىدە تۈپلەش ئىدى. قۇرئان كەرىمنىڭ سۈرىلىرى ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ زامانىدا ھازىرقى شەكىلدە رەتلەنگەن ئىدى. ھەپسە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا قۇرئان سۈرىلىرى يېزىلغان ۋاراقچىلارنى ئەۋەتىپ بەردى، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ زەيد ئىبنى سابىت، ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەيىر، سەئىد ئىبنى ئاس، ئابدۇراھمان ئىبنى ھارىسلارنى بۇ ۋاراقچىلارنى رەتلەپ قۇرئان كەرىمنى كىتاب شەكلىدە يېزىپ چىقىشقا بۇيرۇدى، زەيىد ئەنسارلاردىن، قالغانلار قۇرەيىشلاردىن ئىدى، ئوسمان قۇرەيشلىك ئۈچ نەپەر ساھابىگە: سىلەر زەيد ئىبنى سابىت بىلەن ئىختىلاپ قىلىشىپ قالساڭلار، قۇرەيشلىكلەرنىڭ شېۋىسىدە يېزىڭلار، چۈنكى قۇرئان قۇرەيش شېۋىسىدە نازىل بولغان، دېدى. ئۇلار ئەسلى يازمىدىن بىرقانچە نۇسخا كۆچۈرگەندىن كېيىن ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەسلى يازمىنى ھەپسە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا قايتۇرۇپ بەردى ۋە ھەر قايسى ئىقلىملارغا ئۇلار كۆچۈرگەن قۇرئاننى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭدىن باشقا ئۆزلىرى يېزىۋالغان قۇرئان ۋاراقچىلىرىنى كۆيدۈرىۋىتىشكە بۇيرۇدى