پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم توي قىلمىغان قىزدىنمۇ بەك ھايالىق ئىدى، توي قىلمىغان قىز ئەڭ ھايالىق بولىدۇ، چۈنكى ئۇ توي قىلمىغانلىقتىن ئەرلەر بىلەن ئارلىشىپ باقمىغاچقا ئۇنى چىمىلدىقىدا نۇمۇسچان بايقايسەن. رەسۇلۇللاھ بولسا ئۇنىڭدىنمۇ بەك ھايالىق ئىدى. رەسۇلۇللاھ ياقتۇرمايدىغان، تەبىئىتىگە ياقمايدىغان بىرەر ئىشنى كۆرسە چىرايىدا تەسىرى كۆرۈلەتتى