پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ شەرىئەتتە يولغا قويغان ئىبادەت ۋە ئەھكاملاردىن سەپەردە ئىككى نامازنى جۇغلاپ ئوقۇش، تۆت رەكئەتلىك نامازلارنى قەسىر قىلىپ ئىككى رەكئەتتىن ئوقۇش قاتارلىق ئۈزۈرلۈك كىشىلەرگە يەڭگىللىتىلگەن ھۆكۈمنى ئادا قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇنداقلا ئاللاھ تائالا پەرز، ۋاجىپقا ئوخشاش كەسكىن ئىشلارنى ئادا قىلىشنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ، چۈنكى ئاللاھنىڭ كەسكىن بۇيرىغان ۋە رۇخسەت قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى بىردۇر.