ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش يىل بويى روزا تۇتقانغا باراۋەردۇر» دېدى سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
explain-icon

شەرھىسى

ساھابە ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ روزا تۇتۇشتا كەسكىنلىك يولىنى تۇتۇپ روزىنى ئۈزمەي داۋاملاشتۇرماقچى بولدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇشقا يىتەكلىدى، چۈنكى ئۇ ئەجىر-ساۋاپتا تولۇق بىر يىللىق روزىنىڭ ساۋابىغا باراۋەر كىلەتتى، بىر ياخشىلىققا ئون ھەسسە ئەجىر بىرىلسە ئۈچ كۈن ئوتتۇز كۈنگە باراۋەر بولىدۇ، ئەگەر ھەر ئايدا ئۈچ كۈندىن روزا تۇتسا ئاشۇ: يىل بويى روزا تۇتقانغا ئوخشاش بولىدۇ