ئەگەر كىلەر يىلغىچە ياشاپ قالسام، يەنى: كىلەركى مۇھەررەم ئېيىغىچە ياشاپ قالسام. مۇھەررەمنىڭ توققۇزىدا روزا تۇتىمەن، يەنى: يەھۇدىلارغا ئوخشىماسلىق ئۈچۈن مۇھەررەمنىڭ ئونىنچى كۈنى بىلەن بىرگە توققۇزىنچى كۈنىمۇ روزا تۇتىمەن. ئاللاھنىڭ ئەلچىسى كىيىنكى مۇھەررەم ئېيى كېلىشتىن ئىلگىرى ۋاپات بولدى. رەسۇلۇللاھ بۇ روزىنى تۇتمىغان بولسىمۇ، ئۇ كۈنى روزا تۇتۇش سۈننەت، چۈنكى رەسۇلۇللاھ ئىرادە قىلغان ئىشلار سۈننەت بولىدۇ. ئونىنچى كۈنى بىلەن بىرگە توققۇزىنچى كۈنىمۇ روزا تۇتۇشنىڭ سەۋەبى ئونىنچى كۈنىلا روزا تۇتىدىغان يەھۇدىلارغا ئوخشىماسلىق. ئونىنچى كۈنىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىھتىيات قىلىش ئۈچۈن،- دېيىلگەن قاراشمۇ بار، بىرىنچى كۆز قاراش كۈچلۈك، چۈنكى بۇ ھەقتە دەلىل كەلگەن. ئاللاھ تائالا ھەممىنى بىلگۈچىدۇر