بۇ ھەدىس شەرىپ رەسۇلۇللاھنىڭ ئۈچ ئالى يوليۇرىقىنى ئۆزئىچىگە ئالغان بىرىنچى: ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇشقا قىزىقتۇرۇش، چۈنكى ياخشىلىقنىڭ ساۋابى10ھەسسە بولىدۇ، ئۈچ كۈن روزا تۇتقانلىق ئوتتۇز كۈنگە باراۋەردۇر. ھەدىستە كۆرسىتىلگەندەك ئاينىڭ13-14-15 كۈنلىرىدە تۇتۇلغان روزا ياخشىدۇر. ئىككىنچى: چاشگاھ نامىزى ئوقۇش. خۇسۇسەن كىچىدىكى نامازنى ئوقۇياممايدىغانلارغا نىسبەتەن ئۇنىڭ ئەڭ ئېزى ئىككى رەكىئەتتۇر. ئەبۇ ھۇرەيرەگە ئوخشاش، ئۇ كىشى كىچىدە ئىلىم تەھسىل قىلىش بىلەن مەشغۇل بولاتتى. چاشكا نامىزىنىڭ ئەڭ ئەۋزەل ۋاقتى كۈن نۇرى يەرنى قىزىتقان ۋاقتىدۇر. ئۈچىنجى: كېچىسى تۇرۇپ ناماز ئوقۇمايدىغان كىشى ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ۋىتىر ئوقۇپ يېتىشى كېرەك