ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىسۇلۇللاھتىن بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالاغا ئەڭ سۆيۈملۈك روزا ۋە ناماز داۋۇت ئەلەھىسسالامنىڭ روزىسى ۋە نامازىدۇر. چۈنكى ئۇ بىر كۈن روزا تۇتۇپ بىر كۈن تۇتمايتى، بۇنداق قىلغاندا ئىبادەتمۇ قولغا كىلىدۇ، بەدەننىڭ ھەققىنىمۇ بەرگەن بولىدۇ. كېچىنىڭ يېرىمىدا ئۇخلايتى، ئومۇمى كېچىنىڭ 3/1 دە ناماز ئوقۇيتى قالغان ئاخىرىقى قىسمىدا يەنە ئۇخلايتى، بۇ شەكىلدە ئىبادەت قىلسا، كۈندۈزدىكى ئىبادەتلەرگىمۇ تېتىك-جۇشقۇن تۇرغىلى بولىدۇ. بۇ ئۇسۇلغا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۈممىتىنى قىزىقتۇرغان