«ئەمەللەر كۆتۈرۈلىدۇ» يەنى ئاللاھ تائالانىڭ ھۆزۈرىغا كۆتۈرۈلىدۇ، دېگەن مەنىدە. «مەن ئەمەللىرىمنىڭ روزىدار ھالىتىمدە كۆتۈرۈلۈشىنى ياخشى كۆرىمەن» يەنى جەننەتتىكى دەرىجەمنىڭ يۇقىرى بولىشى، كۆپ ساۋابقا ئىرشىشىم ئۈچۈن، دېگەن مەنىدە. يەنە بىر ئىبارىدە: «جەننەتنىڭ ئىشىگى دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى ئېچىلىدۇ» دەپ كەلگەن. بۇ ھەقىقەت مەنىسىدە. چۈنكى توغرا كۆز قاراشتا جەننەتنى ئاللاھ تائالا يارتىپ بولغان. «ئۇ كۈندە ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرمىگەن كىشىلەرگە مەغپىرەت قىلىنىدۇ» بۇ پەقەت كىچىك گۇناھلارغا قارىتا دېيىلگەن. ئەمما چوڭ گۇناھلارغا تەۋبە قىلىش لازىم. «پەقەت بىر ئەر» دەپ كەلگەن، يەنى بىر ئىنسان، دېمەكچى. «قېرىندىشى بىلەن» دېگىنى ئىسلامى قېرىنداشلىقنى دېمەكچى. «ئارسىدا ئاداۋەت» دېگىنى خاپىلىق ۋە ئازارلىشىش دېمەكچى. «مۆھلەت بىرىڭلار» بۇ سۆزنى ئاللاھ تائالا مالائىكىلەرگە دېگەن. يەنى گۇناھنى يېزىشنى كىچىكتۈرۈڭلار ۋە ئۇنىڭ تەۋبە قىلىشىغا پۇرسەت بېرىڭلار، دېگەن مەنىدە. «بۇ ئىككىسى» ئاداۋەت ساقلىغان بۇ ئىككى كىشى، ئۇلارنى ئەيىپلەپ ياكى گۇناھلىرىنى ئەيىپلىگەن مەنىدە. «ھەتتاكى ئۇلار ئەپلەشكەنگە قەدەر» يەنى ئۇلار ئارىسىدىكى ئاداۋەت تۈگىگەن، يوقالغانغا قەدەر. بۇ ئىبارە، مۇسۇلمان كىشى بىر قېرىندىشى بىلەن ئاداۋەتلەشكەن بولسا بۇنى يوقىتىشقا ئالدىراش كېرەكلىكىنى، ھەتتا بۇ ئىشتا غورۇرىغا قارشى ئىش قىلىش ۋە كۆڭلىگە ئېغىر كېلىدىغان ئىشلار بولسىمۇ ئۇنىڭغا سەبىر قىلىش، ئاللاھ تائالادىن ئەجىر-ساۋابنى كۆزلەش كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ياخشىلىققا ئېلىپ بارىدۇ ۋە يەنە ئىنسان بىر ئىشتا ياخشىلىق ۋە ساۋاب مۇكاپات بارلىقىنى بىلسە ئۇنىڭغا ئاسان بىلىنىدۇ، شۇنىڭدەك يەنە بىر ئىشتا جازا ۋە تەھدىت بارلىقىنى بىلسە ئۇنى تاشلاش ۋە يىراق تۇرۇش ئاسانغا توختايدۇ