ئىسلام شەرىئىتى ئاسانلىق ۋە قۇلايليق ئۈستىگە قۇرۇلغان، تەكلىپلەر ئىنسان تاقىتىگە قارىتا بولىدۇ، كۈچى يەتمىگەن ئىشلاردىن ئىنسان سورالمايدۇ. شۇنىڭ جۈملىسىدىن كىمىكى رامىزان ئېيىدا ۋە ياكى باشقا ئايلاردا يەپ-ئىچىپ قېلىپ ياكى روزىنى بوزىدىغان بىر ئىشنى سەھۋەنلىكتىن قىلىپ قالسا روزىسىنى داۋاملاشتۇرىۋەرسۇن، روزىسى ساغلام بولىدۇ، چۈنكى بۇ ئۇنىڭ ئىختىيارلىقى بىلەن بولغان ئەمەس. بىر كىشىنىڭ مەقسەتسىز ئۇنۇتقان ھالدا قىلغان ئىشى روزىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. شۈبھىسىزكى، ئۇ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئۇنىڭغا يېمەك ۋە ئۇسسۇزلۇق بېرىلگەندۇر