رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بارلىق مۇسۇلمانلار سەدىقە پىتىر بېرىشنى پەرىز قىلدى. شۇ كۈندە يەتكۈدىك ئۇزۇق-تۈلۈكى بار كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە پەرىز قىلدى،چوڭ-كىچىك ئەر- ئايال، ھۆر ياكى قۇل بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە خورما ياكى ئارپىدىن بىر سا سەدىقە پىتىر بېرىشنى پەرىز قىلىپ بىكىتكەن. مۇسۇلمان بايلىرىنىڭ ئۈستىگە كەمبەغەللەرگە غەمخورلۇق قىلىش ۋاجىپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن سەدىقە پىتىرنى ۋاجىپ قىلدى. بۇ مەسئۇلىيەت ئائىلە ئىگىسى ۋە باشلىقىنىڭ ئۈستىگە چۈشىدۇ، ئۇ كىشى ئايال بالا-چاقىلار ۋە قۇللارنىڭ سەدىقە پىترىسىنى بىرىدۇ