ئەبۇ ھۇرەيرە ېەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: مۇسۇلماننىڭ ئېتى ۋە قۇلىغا زاكات كەلمەيدۇ. يەنە بىر ئىبارىدە: پەقەت قۇللىرىغا سەدىقە پىتىر كىلىدۇ، دېگەن سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
explain-icon

شەرھىسى

ئىسلامدا زاكات پرىنسىپى ئادالەت ۋە باراۋەرلىك ئۈستىگە قۇرۇلغان، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا بايلارنىڭ پۇل تېپىۋاتقان ياكى پۇل تېپىشقا ھازىرلانغان ماللىرىغا يەنى زېمىندىن چىققان مول-ھوسۇل ۋە تاۋار مال قاتارلىقلارغا زاكات بېرىشنى ۋاجىپ قىلدى. ئەمما مەلۇم غەرەز-مەقسەت ئۈچۈن ساقلىغان پۇل-مېلىغا زاكات كەلمەيدۇ. بۇ خۇسۇسى ئىستىمالى ئۈچۈن بولغانلىقتىن. يەنە شۇنىڭدەك مېنىدىغان ئات، تۆگە، ماشىنا ۋە قۇل-خىزمەتچىلەر، ئۆي ۋە ئۇنىڭ سەرمجانلىرىغا زاكات كەلمەيدۇ. بىراق قۇلى بولسا ئۇنىڭ ئۈچۈن سەدىقە پىتىر كىلىدۇ. چۈنكى ئۇ قۇل تىجارەت ئۈچۈن بولمىسىمۇ، سەدىقە پىتىر ئادەم بېشىغا پەرىزدۇر