ئىنسان ئاللاھ يولىدا غازات قىلغۇچىنى ئات-ئۇلاغ، يۈك-تاقا ۋە قورال-ياراق بىلەن جابدۇپ قويسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە جىھاد قىلغۇچىنىڭ ئەجىر-ساۋابىنى بېرىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى ياخشىلىققا ياردەم بەردى. ئەگەر مۇجاھىد ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشنى مەقسەت قىلسىمۇ لېكىن ئۇ كىشى ئائىلىسىدىكىلەردىن ئەنسىرەپ، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئىلىش ئۈچۈن مۇسۇلمانلاردىن بىر كىشىنى چاقىرىپ: ئائىلەمدىن ياخشى خەۋەر ئىلىپ قويساڭ دېگەن بولسا، مۇجاھىتنىڭ ئائىلىسىدىن ياخشى خەۋەر ئالغان كىشىمۇ جىھاد قىلغۇچىنىڭ ئەجىر-ساۋابىغا ئېرىشىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغۇچىغا ياردەم بەردى. بۇ ھەدىسكە ئاساسەن: ھەر قانداق كىشى ئاللاھغا ئىتائەت قىلىشتا باشقا كىشىگە ياردەم بېرىدىكەن، ئۇ كىشىگىمۇ ئوخشاش ئەجىر بېرىلىدۇ. دىنى ئوقۇغۇچىلارغا كىتاپ سېتىۋېلىش ياكى تۇرالغۇ جاي تەييارلاپ بېرىش، ئۇلارغا نەپىقە قىلىش قاتارلىق ئىشلاردا ياردەم قىلسا، ئۇلارنىڭ ھەر بىر ئىشلىرىغا ئوخشاش ئەجىر-ساۋاپ بېرىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ھېچ بىرىنىڭ ئەجىر-ساۋابى كېمەيتىلمەيدۇ