بۇ ھەدىستە مەيمۇنە بىنتۇل ھارىس رەزىيەللاھۇ ئەنھا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ جۇنۇبلىقتىن قانداق يۇيۇنغانلىقىنى بايان قىلىپ بەرگەن، رەسۇلۇللاھقا يۇيۇنۇش ئۈچۈن بىر ئورۇنغا سۇ قويۇپ قويغان، رەسۇلۇللاھ كېلىپ ئوڭ قولى بىلەن سۇنى سول قولىغا قۇيۇپ ئىككى ياكى ئۈچ قېتىم يۇيدى، ئاندىن جۇنۇبلىقتىن مەنى يۇققان ئورۇنلارنى تازىلاش ئۈچۈن ئەۋرىتىنى يۇيدى، ئاندىن قولىنى تامغا ياكى يەرگە ئىككى ياكى ئۈچ قېتىم سۇركىدى، ئاندىن ئېغىز بۇرنىنى چايقىدى ۋە يۈز قوللىرىنى يۇيدى، ئاندىن بېشىدىن سۇ قۇيۇپ پۈتۈن بەدىنىنى يۇيدى، ئاندىن چەتكىرەك چىقىپ ئىلگىرى يۇمىغان ئىككى پۇتىنى يۇدى، بۇ ۋاقىتتا مەيمۇنە رەسۇلۇللاھقا يۈزنى سۇرتۇش ئۈچۈن بىر رەخ كەلتۈرگەندە رەسۇلۇللاھ ئۇنى خالىماستىن، قولى بىلەن بەدىنىدىكى سۇنى سىرىۋەتكەن