بۇ ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاقمايدىغان، توختاق سۇغا كىچىك تەرەت قىلىشتىن توستى، چۈنكى سۈيدۈكتىكى مىكرۇپلار سۇنى بۇلغاپ، ئۇنى ئىشلەتكەن كىشىگە زىيان يېتىدۇ. بەلكى كىچىك تەرەت قىلغۇچى ئۆزى ئىشلىتىپ يۇيۇنىشى مۈمكىن. كەلگۈسىدە كىشىلەرنىڭ پاكلىنىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان بۇ سۇغا قانداقمۇ كىچىك تەرەت قىلسۇن. يەنى بەدەندىكى كىرلەر بۇ سۇنى بۇلغايدىغانلىقى سەۋەبتىن، رەسۇلۇللاھ توختاق سۇدا يۇيۇنىشتىن چەكلىدى