پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزى كۆرۈپ باقمىغان، ئۇ دەۋرىدە بولمىغان، بەلكى ئاخىر زاماندا مەيدانغا كېلىدىغان دوزاخ ئەھلىدىن بولغان ئىككى تۈرلۈك ئىنسانلاردىن ئاگاھلاندۇرىدۇ. بىرىنچى تۈردىكى كىشىلەر: كالىنىڭ قۇيرىقىدەك ئۇزۇن ئارغامچىلار بىلەن كىشىلەرنى ئۇرىۋاتقان كىشىلەر، ئۇلار ساقچىلار ياكى ئۇلارنىڭ ياردەمچىلىرى، ئۇلار زالىمغا ياردەم بېرىپ كىشىلەرنى ئورۇنسىز ئۇرىدۇ. ئىككىنچى تۈردىكى كىشىلەر: ئادەتتە ئاياللارنىڭ تەبىئىتىدە بولىدىغان ھايا ۋە ئىپپەت كىيىمىدىن خالى بولغان ئاياللار. ئۇلارنىڭ سۈپىتى: ئۇلار ھەقىقەتتە كىيىم كەيگەن بولسىمۇ ئەمما مەنادا يالىڭاچ، چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ گۈزەللىكىنى ئىپادىلەيدىغان، بەدىنىنىڭ بەزىسىنى ئوراپ يەنە بەزى جايلىرىنى ئوچۇق قويىدىغان كىيىملەرنى كىيىدۇ. ئەرلەرنىڭ دىللىرىنى ئۆزىگە مايىل قىلىش ئۈچۈن نىپىز كىيىملەرنى كېيىپ، نايناقلاپ، تولغىشىپ مېڭىپ، باشقىلارنى بۇزۇشقا، توغرا يولدىن بۇراشقا ۋە ئازغۇنلۇققا سۆرەپ بارىدۇ. ئۇلارنىڭ سۈپەتلىرىدىن: ئۇلارنىڭ بېشى يوغانلىقىدىن تۆگىنىڭ ئىغاڭشىپ تۇرغان لوكىسىغا ئوخشايدۇ، ئۇلار باشلىرىغا قوش ياقلىقلارنى ئوراش ياكى بەزى بىر نەرسىلەرنى قويۇپ بېشىنىڭ ھەجىمىنى ياكى چېچىنى چوڭ كۆرسىتىشكە ئۇرىنىدۇ. ئۇلارنىڭ بېشىنى تۆگىنىڭ لوكىسىغا ئوخشىتىش بولسا، ئۆرىگەن چاچلىرىنى بېشىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ چېچىنى ئۈستۈن قىلىۋالغانلىقى، ئۆرىگەن بەزى چاچلىرىنى بېشىنىڭ ئەتراپىغا قويۇپ بېرىپ خۇددى تۆگىنىڭ لوكىسى ئىككى تەرەپكە مايىل بولغاندەك قىلىشىدۇر. ئاياللارنىڭ قايسىسىدا بۇ سۈپەتلەر تىپىلىدىكەن، ئۇلار جەننەتكە كېرەلمەسلىك-گەرچە جەننەتنىڭ پۇرىقى بەك يىراق مۇساپىدىن تىپىلىدىغان ۋە ھېدى كىلىدىغان بولسىمۇ- جەننەتنىڭ پۇرىقىنى پۇرىيالماسلىق ۋە جەننەتكە يېقىنلىشالماسلىقتەك قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ.