explain-icon

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تاھارەت ئالغان كىشى تاھارەتنىڭ سۈننەتلىرى، ئەدەپلىرىگە رىئايە قىلىپ مۇكەممەل ئالسا، بۇ ناچارلىق ۋە خاتالىقلارنىڭ ئۆچۈرلىشى ۋە يوق بولىشىغا سەۋەپ بولىدۇ، ھەتتا قولى ۋە پۇتىنىڭ تىرنىقىنىڭ ئاستىدىكى خاتالىقلارمۇ چېقىپ كېتىدۇ.

explain-icon

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  • تاھارەتنىڭ سۈننەتلىرى، ئەدەپلىرىنى ئۈگىنىشكە، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشقا ۋە كۆڭۈل بۆلۈشكە قىزىقتۇرۇش.
  • تاھارەتنىڭ پەزىلەتلىرىدىن؛ ئۇ كېچىك گۇناھلارغا كاپارەت بولىدۇ، ئەمما چوڭ گۇناھلارغا بولسا چوقۇم تەۋبە قىلىش كېرەك بولىدۇ.
  • خاتالىقلارنىڭ چېقىپ كېتىشىنىڭ شەرتى: تاھارەتنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بايان قىلىپ بەرگەندەك سۈننەت، ئەدەپلىرىگە رىئايە قىلىپ كامىل ئېلىشتۇر.
  • بۇ ھەدىستە بايان قىلىنغاندەك؛ خاتالىقلارنىڭ كاپارەت بولۇشى چوڭ گۇناھلاردىن يىراق بولۇش ۋە ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىشقا مۇناسىۋەتلىكدۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «إِنْ تَجْتَنِبُوا كَبَائِرَ مَا تُنْهَوْنَ عَنْهُ نُكَفِّرْ عَنْكُمْ سَيِّئَاتِكُمْ» تەرجىمىسى: «ئەگەر سىلەر مەنئى قىلىنغان چوڭ گۇناھلاردىن ساقلانساڭلار، كىچىك گۇناھلىرىڭلارنى يوققا چىقىرىمىز» [سۈرە نىسا 31-ئايەت].