رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئۈممىتىنى پۈتۈن ئۈممەتلەر ئىچىدىن قىيامەت كۈنىدە ئالاھىدە بەلگە ۋە شەرەپ بىلەن خاس قىلغانلىقىدىن خۇش بىشارەت بېرىدۇ، ئۇ كۈندە رەسۇلۇللاھنىڭ ئۈممىتى بارلىق ئۈممەتلەر ئارسىدىن چىرايلىرى، پۇت-قوللىرى نۇرانە بولغان ھالدا چاقىرىلىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ دۇنيادا ئاللاھ تائالانى رازى قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن ساۋابقا ئېرشىش مەقسىتىدە، ئۇلۇغ ئىبادەت تاھارەتنى كۆپ ئېلىپ، بۇ ئەزەلارنى كۆپ يۇغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مۇكاپاتى ئالاھىدە شەرەپلىك بولغان. ئاندىن ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: كىمىكى ئۇ نۇرلارنى كېڭەيتەلىسە كېڭەيتسۇن، دېگەن. تاھارەت ئالغاندا يۇيىدىغان ئەزالارنى كېڭەيتىپ يۇيسا قىيامەت كۈنىدىكى نۇرىمۇ كېڭىيىدۇ، چۈنكى ئۇ نۇر تاھارەت سۈيى يەتكەن يەرگىچە ئۇزۇن بولىدۇ. ئەمما شەرىئەت كۆرسەتكەن يۇيۇش، ئىككى قولنى جەينەككىچە ياكى جەينەكتىن ئازراق ئاشۇرۇپ يۇيۇش، ئىككى پۇتىنى ئۇشۇققىچە ياكى پاقالچاقتىن بىر ئاز يۇيۇش مانا بۇ شەرىئەت كۆرسەتكەن چەك، لېكىن پاقالچاق ياكى جەينەك ئۈستىنى يۇيۇشنى شەرىئەت يولغا قويمىغان