بۇ ھەدىستە رىسۇلۇللاھ: مۆمىن كىشىنىڭ مال ۋە جانلىرىغا كەلگەن مۇسىبەتلەرگە سەبىر قىلسا ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ سەبىر قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەجىر-ساۋاب بىرىدۇ، مۇسىبەت ۋە ئۇنىڭ تەسىرى قانچىكى ئېغىر بولسا بىرىلىدىغان ساۋابمۇ كاتتا بولىدۇ، دەپ بايان قىلدى. يەنە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: بىر كىشىگە مۇسىبەتنىڭ كېلىشى ئاللاھ تائالانىڭ ئۇ كىشىنى ياخشى كۆرگەنلىكىدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ تەقدىردە ئورۇنلاشتۇرغان ئىشى شەكسىز يۈز بىرىدۇ. لېكىن ياخشى سەبىر قىلسا ۋە رازى بولسا ئاللاھنىڭ ساۋابىغا ئېرشىدۇ، ساۋاب نېمە دېگەن ياخشى مۇكاپات. كىمىكى ئاللاھنىڭ تەقدىرىنى ئۆچ كۆرسە ۋە نارازى بولسا ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا غەزەپ قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ غەزىبى يىتەرلىك جازادۇر