پەيغەمبەرلەر ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ ئىشىغا ئەمىر ۋە ۋالىلار خەلىقنى ئىدارە قىلغاندەك ئىدارە قىلاتتى، بىر پەيغەمبەر ۋاپات بولسا ئۇنىڭ كەينىدىن يەنە بىر پەيغەمبەر كىلەتتى، مەندىن كېيىن پەيغەمبەر كەلمەيدۇ، كۆپ خەلىپىلەر كىشىلەرنى باشقۇرىدۇ، ساھابىلار (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن): خەلىپىلەر كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا جىدەللىشىش ۋە تالاش-تارتىش بولۇپ قالسا بىزنى نېمە قىلىشقا بۇيرۇيلا؟ دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا جاۋاپ بېرىپ: «ئەۋۋەلقىنىڭ بەيئىتىگە ۋاپا قىلىڭلار، گەرچە ئۇلار سىلەرگە ھەققىڭلارنى بەرمىسىمۇ، سىلەر ئۇلارغا ھەققىنى بېرىڭلار، چۈنكى ئاللاھ ئۇلاردىن سىلەرنىڭ ھەققىڭلار تۇغرۇلۇق ھېساب ئېلىپ، سىلەرگە ئۇلاردىكى ھەققىڭلارغا ئاساسەن ساۋاپ بېرىدۇ