تۇۋەيتنىڭ قىزى ھەۋلا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە ئائىشە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: بۇ تۇۋەيتنىڭ قىزى ھەۋلا، ئۇ پۈتۈن كېچە ئۇخلىماي، ناماز ئوقۇيدىكەن،- دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ پۈتۈن كېچە ئۇخلىماي ئىبادەت قىلغانلىقىنى توغرا تاپماي: «تاقىتىڭلار يېتىدىغان ئەمەلنى قىلىڭلار» دەپ، بۇ ئايالنى كەلگۈسىدە ئادا قىلىشتىن ئاجىز كېلىپ، داۋاملاشتۇرالمايدىغان، ئۆزىگە قېيىن بولىدىغان كۆپ ئەمەللەردىن توختاشقا بۇيرۇدى، ئاندىن تاقىتىمىز يىتىدىغان ئەمەلنى تۇتىشىمىزغا بۇيرۇپ: «سىلەر زېرىكىپ قالمىغۇچە ئاللاھ زېرىكىپ قالمايدۇ» دېدى، يەنى: ئاللاھ تائالا ئەمىلىڭلارنىڭ مىقدارىچە سىلەرگە ساۋاپ بېرىدۇ، ئەمىلىڭلارنى قانچىلىك داۋاملاشتۇرساڭلار، ئاللاھ تائالا سىلەرگە ساۋاپ بېرىدۇ، ئەگەر ئىنسان ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشىدىن زېرىكىپ، ئېچى پۇشۇپ ئۇنى ئۈزۈپ، قىلمىسا، ئاللاھمۇ ئاشۇ ئەمەلنىڭ ساۋابىنى ئۇنىڭدىن ئۈزۈپ قويىدۇ، ھەقىقەتەن ئىنسانغا ئەمىلىگە قارىتا مۇكاپات-جازا بېرىلىدۇ. كىم ئەمىلىنى كېسەللىك ياكى سەپەر ئۆزرىسىسىز ئۈزۈپ قويۇپ، قىلمىغان بولسا، ئۇنىڭدىن ساۋابى ۋە ئەجرى ئۈزىلىدۇ. بۇ ھەدىسنىڭ ئاشكارا مەنىسىدىن "ئاللاھ زىرىكىش بىلەن سۈپەتلىنىدۇ" دەپ چۈشىنىلىدىغان زېرىكىشنىڭ مەنىسىدىكى كۈچلۈك قاراش بولۇپ، ئاللاھنىڭ زېرىكىشى بىزنىڭ زېرىكىشىمىزگە ئوخشىمايدۇ، چۈنكى بىزنىڭ چارچاش ۋە ھورۇنلۇقتىن ئېچىمىز پۇشىدۇ، ئەمما ئاللاھ تائالانىڭ زېرىكىشى ئۆزىگە خاس، ئۇلۇغلىقىغا لايىق بولغان سۈپەت بولۇپ، ئاللاھ تائالاغا چارچاش ۋە ھورۇنلۇق يەتمەيدۇ