پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە شۇنى بايان قىلغان. شەيتاننىڭ تەسىرىدىن ۋە زىيانكەشلىكىدىن خالى بولغان ۋە يىراق بولغان ساغلام چۈش بولسا، ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ بەندىسىگە قىلغان نېمەتلىرىدىن بولۇپ، مۆمىن بەندىلىرىگە خۇش بىشارەت، غەپلەتتە قالغانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش، ئازغانلارغا ئەسلەتمىدىن ئىبارەتتۇر. الحلم: دېگەن قالايمىقان كۆرگەن چۈشلەر، ئۇ ئىنساننىڭ رۇھىغا شەيتاننىڭ زىيانكەشلىك قىلىشى، قالايمىقانلاشتۇرشى، ئۇنى قورقۇتۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، غەم-قايغۇ ۋە كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. چۈنكى شەيتان ئىنساننىڭ قايغۇرۇشىنى، بەخىتسىزلىكىنى ياخشى كۆرىدىغان دۈشمىنىدۇر. ئىنسان بىئارام بولىدىغان، قورقۇيدىغان، قايغۇرىدىغان چۈشلەرنى كۆرسە شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىلىرىنى يوقىتىدىغان، زىيانكەشلىكىدىن ساقلىنىدىغان سەۋەب ئامىللارنى قىلىشى كېرەك. ھەدىستە تۆۋەندىكىلەرنى تەلىم بەرگەن. 1-سول تەرىپىگە ئۈچ قېتىم تۈكۈرۈش. 2- قوغلاندى قىلىنغان شەيتاننىڭ شەررىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ ئۈچ قېتىم پاناھ تىلەش. 3- ئەگەر سول تەرەپنى بېسىپ ياتقان بولسا ئوڭ تەرەپكە، ئوڭ تەرەپنى بېسىپ ياتقان بولسا سول تەرەپكە ئۆرۈلۈپ يېتىش كېرەك. رەسۇلۇللاھنىڭ كۆرسەتمىسىگە ۋە قوللانغان سەۋەبلەرگە ئىشەنگەن ھالدا يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىشلارنى قىلسا، ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن ئۇ كىشىنىڭ چۈشى ئۇنىڭغا زىيان كەلتۈرەلمەيدۇ