مۇسۇلمان چۈشىدە خۇرسەن بولىدىغان چۈشنى كۆرسە، ئۇ ئاللاھ تەرىپىدىن ئۇنىڭغا بېرىلگەن بىشارەت بولۇپ، بۇ بېشارەتكە ئاساسەن ئاللاھ تائالانى مەدھىيىلىسۇن ۋە ماختىسۇن. بۇ چۈشنى ئائىلىسى، خوشنىلىرى ۋە دوستلىرى ئارىسىدىكى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغانلارغا سۆزلەپ بەرسۇن. ئەگەر ياقتۇرمايدىغان، قورقۇنۇچلۇق، ناچار چۈشنى كۆرگەن بولسا ياكى ئۇ چۈشنىڭ تەبىرىنى ياقتۇرمىسا بۇ شەيتانى خىيال بولۇپ، بۇنى شەيتان ئۇخلىغان كىشىنى قورقۇتۇش، بىئارام قىلىش ئۈچۈن شەكىللەندۈرىدۇ، بۇنداق چۈشنى كۆرگەن ۋاقىتتا، شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن ئاللاھغا سىغىنىپ پاناھ تىلىسۇن