پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، مىراس تەقسىم قىلىدىغانلارنى، مىراسنى ئۇنىڭغا ھەقلىق بولغان كىشىلەرگە، ئاللاھ تائالا ئىرادە قىلغان شەكىلدە، شەرىئەتنىڭ ئادىل تەقسىماتى بويۇنچە تەقسىم قىلىپ بېرىشكە، بۇيرىدى. ئاللاھنىڭ كىتابىدا نىسىۋېسى ئېنىق بەلگىلەنگەن پەرز ئىگىلىرىگە بېرىلىدۇ. ئۇ بەلگىلەنگەن نېسىۋىلەر: ئۈچتىن ئىككى، ئۈچتىن بىر، ئالتىدىن بىر، يېرىمى، تۆتتىن بىر ۋە سەككىزدىن بىر ھەسسىلەردىن ئىبارەتتۇر. ئۇنىڭدىن كېيىن قالغان مىراسلار مېيىتكە ئەڭ يېقىن بولغان ئەر كىشىلەرگە بېرىلىدۇ، ئۇلار "ئەسەبە" دەپ ئاتىلىدۇ