پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جۈمە خۇتبىسى ئوقۇۋاتقاندا بىر كىشى مەسچىتكە كىردى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە قاراپ، ئۇنى چاقىرىپ، يامغۇر ياغماي، زېمىن قۇرۇپ كەتكەنلىكنى، ئوت-چۆپلەرنىڭ يوقلۇقىدىن چارۋىلار ئۆلۈپ، يوللار ئۈزۈلۈپ، سەپەر قىلىدىغان، يۈك ئارتىدىغان تۆگىلەرنىڭ ئورۇقلاپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلىپ، رەسۇلۇللاھدىن بۇ قىيىنچىلىقنىڭ كۆتۈرۈلىشىگە دۇئا قىلىشىنى تەلەپ قىلدى، رەسۇلۇللاھ ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ: ئى ئاللاھ! بىزگە يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگىن! دەپ ئۈچ قېتىم تەكرار دېدى، ئادەتتە رەسۇلۇللاھ دۇئا قىلغاندا ۋە مۇھىم بىر ئىشنى تەكىتلىگەندە ئۈچ قېتىم تەكرارلايتتى. ئۇلار ئۇ چاغدا ئاسماندا بۇلۇتنىڭ ياكى چاڭ-تۇزاڭنىڭ ئەسىرىنىمۇ كۆرمىگەن ئىدى، بىراق رەسۇلۇللاھنىڭ دۇئاسىنىڭ تەسىرىدە سەلئى تېغىنىڭ ئارقىدىن كىچىك بىر بۇلۇت پەيدا بولۇپ ئېگىزگە كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى، ئاسماننىڭ ئوتتۇرىغا كەلگەندە كىڭىيىپ، ئەتراپقا تاراپ يامغۇر يېغىشقا باشلىدى، يامغۇر يەتتە كۈن داۋاملاشتى. كىيىنكى جۈمە كۈنى بىر كىشى پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خۇتبە ئوقۇۋاتقاندا كىرىپ كەلدى ۋە يامغۇرنىڭ ئىزچىل يېغىشى بىلەن چارۋىلار يايلاققا چىقالمىغانلىقتىن ئاچ قالغانلىقىنى، كىشىلەرمۇ تىرىكچىلىك يولىدا سەپەر قىلالماي سولۇنۇپ قالغانلىقىنى بايان قىلدى ۋە ئاللاھقا دۇئا قىلىپ يامغۇرنى توختۇتۇشنى تەلەپ قىلدى. پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ: «ئى ئاللاھ! كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا قېيىنچىلىق بولماسلىقى ئۈچۈن، چارۋىلار يايلاققا نۇرمال بېرىشى ئۈچۈن يامغۇرنى تاغ، تۆپىلىك، جىلغا، ئېكىنزارلىقلارغا ياغدۇرغىن! مەدىنىگە ئەمەس ئۇنىڭ ئەتراپىغا ياغدۇرغىن» دەپ دۇئا قىلدى. يامغۇر توختاپ، ئۇلار مەسچىتتىن چىققاندا يامغۇرسىز يۈردى