ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى ئۆزىگىلا ئىلتىجا قىلىش ۋە ئۇنى ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن تۈرلۈك سىناقلار بىلەن سىنايدۇ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زامانىدا قۇرغاقچىلىق يۈز بەردى، رەسۇلۇللاھ ساھابىلەرنى ھېيىت نامىزى ئوقۇيدىغان مەيدانغا ئېلىپ چىقىپ ئاللاھ تائالادىن يامغۇر تەلەپ قىلدى، ئاللاھ تائالاغا بولغان ئىھتىياجنى ۋە يىلىنىشىنى ئىزھار قىلىش ئۈچۈن، دۇئا ئىجابەت بولىدىغان تەرەپ قىبلىگە يۈزلىنىپ دۇئا قىلدى، ئاللاھ تائالادىن بۇ قۇرغاقچىلىقنى كۆتۈرۋىتىشنى ۋە مۇسۇلمانلارنى قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلدى، ئۆزگۈرۈشكە ئۈمىدۋار بولۇپ، بۇ قېيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ كەڭچىلىككە ۋە مولچىلىققا ئۆزگەرتىپ بېرىشىگە ئۈمىدۋار بولۇپ رىداسىنى تەتۈر كەيدى، ئاندىن ئىككى رەكەت سۇ تەلەپ قىلىش نامىزى ئوقۇدى. ئۇ جامائەت نامىزى بولغانلىقتىن قىرائەتنى ئاشكارا ئوقۇدى