شەرىئەتنى بېكىتكەن ھېكمەتلىك زات, مېيىتنى دەپنە قىلىشتا ئالدىراشقا بۇيرىدى. يەنە بىر ئېھتىمال؛ بۇ يەردىكى ئالدىراشتىن بولغان مەقسەت، مېيىتنى تەييارلاشتا ئالدىراشتۇر، مەسىلەن: ئۇنى يۇيۇش، نامىزىنى چۈشۈرۈش، كۆتۈرۈپ مېڭىش ۋە دەپنە قىلىش ئىشلىرىدا ئالدىراش. چۈنكى ئۇ مېيىت ئەگەر ياخشى بولغان بولسا، ئۇ ياخشىلىققا ۋە ئۇتۇق قازىنىشقا بارىدۇ. ئۇ، مىنى ئاپىرىڭلار! دەپ تەكرار دەۋاتقان تۇرسا، ئۇنىڭغا توسالغۇ بولۇش لايىق ئەمەستۇر. ئەگەر باشقىچە بولغان بولسا، ئۇ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ناچار نەرسىدۇر. سىلەر ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كېتىشىڭلار، ئۇنىڭ جاپاسىدىن ۋە ئۇنى كۆرۈشتىن ئارام ئېلىشىڭلار كېرەك. شۇڭا ئۇنى يەرلىككە قويۇش بىلەن يەڭگىللەڭلار