ئەمىر بىن سۇلەيىم ئەنسارى مۇنداق دەيدۇ: مەن ئەبۇ سەئىيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن، ئەبۇ سەئىيد: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن: «ھەر قانداق بالاغەتكە يەتكەن كىشىنىڭ ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن جۈمە كۈنىدە يۇيۇنۇشى، مېسۋاك قىلىشى ۋە ئەگەر تاپالىسا خۇشپۇراق نەرسىلەرنى ئىشلىتىشى ۋاجىپ بولىدۇ». تېكىست توغرا - بىرلىككە كەلگەن
explain-icon

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جۈمە كۈنىدە جۈمە نامىزى ۋاجىپ بولغان مۇسۇلمانلاردىن بالاغەتكە يەتكەنلەرنىڭ يۇيۇنىشىنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. مىسۋاك ياكى باشقا نەرسىلەر بىلەن چېشىنى تازىلايدۇ. خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتىدۇ.

explain-icon

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  • بالاغەتكە يەتكەن ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ جۈمە كۈنىدە يۇيۇنىشىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
  • پاكىزلىنىش، ياقتۇرۇلمايدىغان پۇراقلارنى يوق قىلىش مۇسۇلمان ئۈچۈن شەرئى تەلەپتۇر.
  • جۈمە كۈنىنى ئۇلۇغلاش ۋە ئۇ كۈنگە تەييارلىق قىلىش.
  • جۈمە ئۈچۈن مىسۋاك ئىشلىتىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش.
  • جۈمەگە بېرىشتىن بۇرۇن ھەرقانداق خۇشبۇي نەرسە بولسا ئىشلىتىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.
  • ئايال ئۆيىدىن ناماز ياكى باشقا ئىشلىرى ئۈچۈن سىرتقا چىققان ۋاقتىدا خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتىشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى سۈننەت بۇنداق قىلىشنىڭ ھاراملىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
  • بالاغەتكە يەتكەنلىك قىزلارغا بولسۇن ياكى ئوغۇللارغا بولسۇن مۇنداق ئۈچ ئىشنىڭ بىرى بىلەن ئىسپاتلىنىدۇ: بىرىنچى: ئون بەش ياشنى تولۇقلاش. ئىككىنچى: ئەۋرەتلىرىنىڭ ئەتراپىغا تۈك ئۈنۈش . ئۈچىنچى: ئېھتىلام بولسۇن ياكى بولمىسۇن شەھۋەت بىلەن مەنىي چىقىش، ئەمما تۆتىنچى ئالامەت بولسا: قىزلارنىڭ ئادەت كۆرۈشىدىن ئىبارەتتۇر، قىز بالا ھەيز كۆرسە بالاغەتكە يەتكەن بولىدۇ.
explain-icon

تېخىمۇ كۆپ