كىمكى تاھارەتنى پەرز، ۋاجىپ، سۈننەت ۋە ئەدەپلىرى بىلەن مۇكەممەل ئېلىپ ئاندىن جۈمە نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن مەسچىتكە كېلىپ، تېنچ ئولتۇرۇپ خۇتبە تىڭشىسا، ئۇ كىشىنىڭ شۇ خۇتبە تىڭشىغان جۈمە نامىزىدىن باشلاپ يەنە بىر جۈمەگىچە بولغان ئارىلىقتىكى ۋە بۇنىڭغا يەنە ئۈچ كۈن قېتىلىپ بارلىق كىچىك گۇناھلىرى ئەپۇ قېلىنىدۇ، كىمكى خۇتبە ئاڭلاش جەريانىدا كىچىك تاش چاغلىق نەرسىنى ئېتتىرىۋەتسە، بۇنىڭ مەنىسى: ئۇ كىشى ئىمام خۇتبە سۆزلەۋاتقان ۋاقىتتا بىكار ئىش قىلغان بولۇپ، جۈمەنىڭ ساۋابىنى يوق قىلىۋەتكەن بولىدۇ