بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئەمىنلىك بېرىلىپ ئىسلام دىيارىغا كىرگەن غەيرى دىندىكى ئىنساننى ئۆلتۈرگەن كىشىگە قاتتىق ئازاب بولىدىغانلىقىنى، گەرچە جەننەتنىڭ ھېدىنى قىرىق يىللىق ئارىلىقتىن پۇرىغىلى بولسىمۇ ئۇ كىشىنىڭ جەننەتنىڭ ھېدىنى ئالالمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.