ئىمران بىن ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مېنىڭ بەۋاسىر كېسىلىم بار ئىدى، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن نامازنى قانداق ئوقۇش توغرىسىدا سورىسام ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: ئۆرە تۈرۈپ ئوقىغىن، ئەگەر ئۇنىڭغا قادىر بولالمىساڭ، ئولتۇرۇپ ئوقۇغىن، ئەگەر ئۇنىڭغا قادىر بولالمىساڭ يېنى يېتىپ ئوقۇغىن». تېكىست توغرا - بۇخارى رىۋايىتى
explain-icon

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەسلىدە نامازنى ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇش كېرەكلىكىنى، ئەگەر ئۆرە تۇرۇشقا قادىر بولالمىغاندا ئولتۇرۇپ ئوقۇش كېرەكلىكىنى، ئەگەر ئولتۇرۇشقىمۇ قادىر بولالمىسا يىنىچە يېتىپ ئوقۇش كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ بەردى.

explain-icon

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  • ئىنساننىڭ ئەقلى-ھۇشى جايىدا بولىدىكەن ئۇ كىشىدىن ناماز ساقىت بولمايدۇ، بىر ھالەتتىن يەنە بىر ھالەتكە يۆتكۈلۈش قادىر بولالىغان ھالىتىگە كۆرە بولىدۇ.
  • ئىسلام دىنى بەك ئاسان ھەممىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان بولۇپ، مۇسۇلمانغا ئىبادەتنى قادىر بولالىغان ھالەتتە ئادا قىلىشقا ئاسانلىق يارىتىپ بەردى.