پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بېرىلگەن شەرىئەت باشقا پەيغەمبەرلەرگە چۈشكەن شەرىئەتلەردىن قولايلىقتا، ئەپۇچانلىقتا ۋە ھەرقانداق قېيىنچىلىقنى كۆتۈرۋېتىش ياكى يېنىكلىشتە ئالاھىدە پەرىقلىنىدۇ، شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن: كۈندۈز تەرەپلەردە ياكى كېچە تەرەپلەردە كەلگەن ئىككى نامازنى بىر ۋاقىتتا جەملەپ ئوقۇشنىڭ دۇرۇسلىقى. شەرىئەت قائىدىسىدە ھەر نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇش بېكىتىلگەن، بىراق رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەپەر ئۈستىدە ئالدىراش بولغاندا، پىشىن بىلەن ئەسىرنى ياكى پىشىن ۋاقتىدا ياكى ئەسىر ۋاقتىدا جۇغلاپ ئوقۇيتتى، يەنە شام بىلەن خۇپتەننىمۇ ياكى شام ۋاقتىدا ئىككى نامازنى جۇغلايتتى، ياكى خۇپتەن ۋاقتىدا جۇغلايتتى، نامازنى جۇغلاشنىڭ دۇرۇسلىقى پەقەت سەپەرگە باغلىنىشلىق، سەپەردە ئىككى ناماز ۋاقتىنىڭ قايسى بىرى يەنە بىرى ئۈچۈن نامازنىڭ ۋاقتى ھېسابلىنىدۇ. سەپەردە يول يۈرۈش، ئارام ئېلىش ئىشلىرى جاپالىق بولغاچقا شەرىئەت بۇنى كۆزدە تۇتۇپ نامازنى جەملەپ ئوقۇشنى يولغا قويغان