ئەرەپات كۈنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قوياش ئولتۇرغاندا شام نامازنى ئوقۇماستىن مۇزدەلىپەگە قاراپ يولغا چىقتى، شام بىلەن خۇپتەننى بىر ئەزان ئىككى تەكبىر بىلەن ئۇ يەردە كىچىكتۈرۈپ جۇغلاپ ئوقۇدى. ئىككى نامازنىڭ ئارسىنى جۇغلىدى دېگەن مەنانى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئارىلىقىدا ۋە ياكى كەينىدىن سۈننەت، نەپلە ناماز ئوقۇمىدى، ئاندىن كېيىنكى ھەج پائالىيەتلىرىگە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن بىر ئاز ئارام ئالدى