ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ: بۇ ئۈممەت ئىلگىرى ئۆتكەن ئۈممەتلەرنى دىنى، سىياسى، ئۆرپ-ئادەتلىرىدە شۇنداق دورايدۇكى، خۇددى يا ئوقلىرىنىڭ پەيلىرى بىر-بىرىگە ئوخشىغاندەك شۇ دەرىجىدە دورايدۇ. بۇ تەقلىدچىلىك ۋە دورامچىلىقنى يەنىمۇ تەكىتلەش يۈزىسىدىن رەسۇلۇللاھ: ئەگەردە ئۇلار تار ۋە قاراڭغۇ بولغان كىلەنىڭ ئۇۋىسىغا كىرسىمۇ، بۇ ئۈممەت شۇ يەرگە قەدەر كىرىپ باقىدۇ، دېگەن. ساھابىلار: «ئىلگىركىلەر» دېگەن سۆزدىن كىمنى كۆزدە تۇتقانلىقىنى، يەنى يەھۇدى ناسارالار مەقسەت قىلىنغانلىقى توغرىسىدا سورالغاندا، ھە-ئە دەپ جاۋاب بەرگەن