بۇ ھەدىستە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايال مىجەز بولىۋالغان ئەرلەرگە، ئەرلەرگە ئوخشىۋالغان ئاياللارغا ئۇلارنىڭ ئاللاھ تائالا ياراتقان توغرا تەبىئەتنى ئۆزگەرتكەنلىكى ئۈچۈن لەنەت قىلىپ، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق بولۇشىنى تىلەپ دۇئا قىلغانلىقىنى، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىنسانلارنى ئۇلارنىڭ يامانلىقىدىن يىراق قىلىش، ئۆيلەرنىڭ پاكىزلىقى ۋە پاكلىقىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنى تۇرالغۇلاردىن ۋە شەھەردىن چېقىرۋىتىشكە بۇيرىغانلىقىنى خەۋەر قىلىدۇ