ئەبى سىرمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى زىيان يەتكۈزىدىكەن ئاللاھ تائالامۇ شۇنىڭ بىلەن زىيان يەتكۈزىدۇ، كىمكى قىيىنچىلىق پەيدا قىلىدىكەن، ئاللاھ تائالامۇ ئۇ كىشىگە قىيىنچىلىق پەيدا قىلىدۇ». ھەسەن - ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، ئىبنى ماجە ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان
explain-icon

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانغا جېنىدا، مېلىدا ياكى ئەھلى-ئەۋلادلىرىدا ھەر قانداق بىر ئىشتا زىيان يەتكۈزۈش ياكى قىيىنچىلىق پەيدا قىلىشتىن ئاگاھلاندۇردى، كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى قىلغان ئىشىنىڭ تۈرى بىلەن جازالايدۇ.

explain-icon

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  • مۇسۇلمانغا زىيان يەتكۈزۈش ۋە مۇشەققەت پەيدا قىلىش ھارامدۇر.
  • ئاللاھ تائالانىڭ بەندىسى ئۈچۈن ئىنتىقام ئالىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.