پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر بۆلۈك قوشۇننى خەسئەم قەبىلىسىدىن بولغان بىر جامائەتكە ئەۋەتتى چۈنكى ئۇلار كاپىر ئىدى، ئۇلارنىڭ بەزىسى ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ سەجدە قىلغان ھالەتتە تۇردى، لېكىن مۇسۇلمانلار ئۇلارنى مۇشرىكلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن مۇشرىك دەپ ئويلاپ ئۆلتۈرۈۋەتتى، ئۇلارنىڭ ھەقىقى مۇسۇلمان ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان ۋاقىتتا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلار ئۈچۈن مۇسۇلمانلارغا بېرىلىدىغان دىيەتنىڭ يېرىمىنى بەردى، چۈنكى ئۇلار كاپىرلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن مۇشۇنداق ئۆلۈمگە سەۋەپ بولدى، ئىسلام شەرىئىتى مۇسۇلمانلارنىڭ كاپىرلارنىڭ شەھرىدە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ قىلىشىنى چەكلىدى، مۇسۇلمان كاپىر بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرۇشتىن ۋە ئۇلارنىڭ تۈتۈنلىرى ئۇچرىشىشتىن چەكلىدى يەنى كاپىرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەھلىدىن ئادا-جۇدا بولۇش ئۈچۈن ئۇلار بىر-بىرىنىڭ تۈتۈنلىرىنى كۆرىدىغان دەرىجىدە يېقىن تۇرۇشتىن چەكلىدى