ئوسمان ئىبنى ئەففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىرەر قەبرە يېنىغا كەلسە ساقىلى ھۆل بولغۇدەك يىغلايتتى، ئۇنىڭغا: جەننەت ۋە دوزاخنى تىلغا ئالساڭ يىغلىمايسەن؟ قەبرىدىن يىغلامسەن؟ دېيىلگەندە، ئۇ ئۇلارغا: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: قەبرە ئاخىرەت مەنزىلىدىن تۈنجى مەنزىل، ئىنسان قەبرىدىن ۋە ئۇنىڭدىكى سىناق، قاتتىقچىلىق ۋە ئازاپتىن قۇتۇلسا كىيىنكىلىرى ئۇنىڭدىن ئاسانراق، چۈنكى قەبرىدىكى ئازاب ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى ئۆچۈرىدۇ. ئەمما ئۇنىڭدىن ئۆتەلمەي، قەبرە ئازابىدىن قۇتۇلالمىسا، گۇناھلىرى ئۆچۈرۈلمەي، ئازابلىنىشقا لايىق بىرەر ئىش قالسا ئۇنىڭدىن كېيىنكىسى تېخىمۇ تەس، چۈنكى دوزاخ ئازابى ئەڭ قاتتىق،-دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانلىقى ئۈچۈن يىغلايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان