پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كۈنىگە يۈز قېتىم: (سۇبھانەللاھى ۋە بىھەمدىھى) يەنى ئاللاھقا ھەمدە ئېيتىش بىلەن ئۇنى بارچە نۇقسانلاردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن، دېگەن كىشى توغرىسىدا، ئۇ كىشىنىڭ خاتالىقلىرى گەرچە دېڭىز دولقۇنلىغاندا سۇ يۈزىگە لەيلەپ چىققان ئاق كۆپۈكتەك كۆپ بولسىمۇ ئۆچۈرۈلۈپ، مەغپىرەت قىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بەردى.